1989-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىلىشى بىلەن دوختۇرخانا نامى ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى “ غا ئۆزگەرتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر داۋالاش، ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 3-A دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ئايلاندى.
1. دوختۇرخانىنىڭ ئاساسىي كۆلىمى دوختۇرخانىنىڭ ئىگەللىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 352 مىڭ كىۋادرات مېتىر، شىتاتتىكى كېسەل كارىۋىتى سانى 500 بولۇپ، دوختۇرخانىدا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى-تۇغۇت بۆلۈمى قاتارلىق 16 بىرىنچى دەرىجىلىك كىلىنىك بۆلۈملەر؛ ئاقكېسەل، تىز بوغۇم ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش قاتارلىق 13 ئۇيغۇر تېبابەت خاسلىقىغا ئىگە مەخسۇس بۆلۈم ئامبۇلاتورىيەلىرى؛ لابۇراتورىيەلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمى، رېنتگېن بۆلۈمى، CT دا تەكشۈرۈش، يادرو ماگنېتلىق رېزونانىستا تەكشۈرۈش، B چاۋدا تەكشۈرۈش، يۈرەك ئېلېكتىرو كاردىيوگراممىىدا تەكشۈرۈش، قورساق بوشلۇقى ئەينىكىدە تەكشۈرۈش قاتارلىق تېببىي تېخنىكىلىق بۆلۈملەر ۋە فۇنكىسىيەلىك تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەسسىس قىلىنغان. 2. ئۇيغۇر تېبابەت دورا ياسالمىلىرى  دوختۇرخانىنىڭ دورا ياساش بۆلۈمى 1992–يىلى قۇرۇلغان ۋە دۆلەتنىڭ GPP ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇپ، دورا ياساش بۆلۈمىدە 13 تۈرلۈك ياسالما شەكلى بويىچە جەمئىي 92 خىل ئۇيغۇر تېبابەت دورا ياسالمىلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان دورا ياسالمىلىرى دوختۇرخانىنىڭ كىلىنىكا ۋە پەن تەتقىقات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۇيغۇر تېبابەت دورا ياسالمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 3. پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نۆۋەتتە دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالغان پەن تەتقىقات تېمىسى جەمئىي 51 تۈرلۈكبولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكتىن 22 تۈرلۈك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 29 تۈرلۈك پەن تەتقىقات تېمىسى بار. ئاقكېسەل، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، تىز بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق 15 خىل كېسەللىكنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قوللانمىسى ۋە ئاقكېسەل قاتارلىق 7 خىل كېسەللىككە دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى، داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قوللانمىسى قاتارلىق 21 خىل ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىلدى؛ ئاقكېسەل قاتارلىق 7 خىل كېسەللىكنىڭ كىلىنىك مۇساپىسى ئېلان قىلىندى؛ ” ئاقكېسەلنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش “ قاتارلىق 8 پارچە مەخسۇس ئەسەر(كىتاب) نەشىر قىلىندى.          4. ئوقۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى نۆۋەتتە، دوختۇرخانىدا بىر نەپەر پروفېسسور، 14 نەپەر دوتسېنت ۋە 14 نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بار بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىي بويىچە 26 نەپەر ئاسپىرانت تەربىيەلىدى؛ دۆلەت جۇڭيى تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شاگىرت تەربىيەلەيدىغان يېتەكچى ئۇستازدىن 2 نەپەر، ئۇستازلار ئىلمىي ئىدىيەسىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسىدىن 3 نەپەر؛ دوختۇرخانا دەرىجىلىك شاگىرت تەربىيەلەيدىغان يېتەكچى ئۇستازدىن 3 نەپەر، ئۇستازلار ئىلمىي ئىدىيەسىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسىدىن 5 نەپەر خادىم بار. ھەر يىلى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە 1220 دىن ئارتۇق خادىم تەربىيەلىنىدۇ، 400 نەپەر بالنىست ۋىراچلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ؛ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ كىلىنىكا ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسى بولۇپ، ھەر يىلى 120 دىن ئارتۇق پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، 100 نەپەر بىلىم ئاشۇرۇشقان كەلگەن خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ؛ دوختۇرخانا جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشتە ھەمكارلىشىدىغان ئورۇن بولۇپ، دوختۇرخانىدا جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكى تەتقىقات بازىسى بىلەن جۇڭيى تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇچۇر قوللىنىش بىرلەشمە تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلدى، جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكى يۆنىلىشى بويىچە) ئاسپىرانت تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىپ 85 نەپەر كۇرسانت ئوقۇش تاماملىدى.

ئۆت تېشى كېسەللىكىگە ئائىت رىتسىپلار

ھەرخىل سەۋەپلەردىن ئۆت سۇيۇقلىقى ئۆزەگىرىپ ، ئۆت يولى ۋە ئۆت خالتىسىغا چۆكۈۋېلىپ تاش شەكىللەندۈرۈپ،ئۆت تېشى كىسەللەكىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىماردا قورساق ئاغرىش ،توڭۇپ تىترەش،يۇقىرى قىزىتما كۆرىلىدۇ. تاش چوڭراق بولسا،جىگەر ساھەسى كۆپكەندەك يېقىمسىزلىنىدۇ.كىچىكرەك بولسا،ياغلىق تاماق يىگەندىن كىيىن كېچىسى ئوڭدا ياتقاندا ،ئۆت تەرەپتە مۇجۇپ ئاغرىش بۇلىدۇ. داۋالاش رىتسىپلىرى: 1. 100گرام زەنجىۋىلگە ئىككى لىتىر سۇ قوشۇپ قايناتقاندىن كىيىن ،ئاغرىغان جايغا سۈرسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ. 2. توققۇز گرام كاۋاۋىچىننى ئىزىپ بىر دانە تۇخۇمى بىلەن مايدا قورۇپ،كۈنىگە ئۈچ ۋاخ يەپ بەرسە ،ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ. 3. تۇلۇق پىشقان قۇغۇن شاپىقىنى سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ سوقۇپ تاسقاپ ،دورا چىلاشقۇدەك سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ،سۈيىنى ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ. 4. بىر تال ياڭيونى ئىزىپ ،مۇۋاپىق مىقتاردا بۇغداي ئۇنى ۋە خام زەنجىۋىل سۈيىدە مەلھەم ياساپ ،ئاغرىغان جايغا تېڭىلىدۇ. 5. ئارپا بەدىياندىن بەش گرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بۇلىدۇ. 6. 36 گرام تۇرۇپ سۈيىنى كۈندە ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، ئۆت تېشى كىسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بېمار كۆپ ھەركەت قىلماسلىقى ،سۇيۇق -سەلەڭ ،سىڭىشلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشى لازىم. ياغلىق ،قورىغان تاماقلاردىن ،يەللىك ،تەستە ھەزىم بۇلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ،تۇخۇم ،گۈرۈچ تاماقلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. (ئائىلىدىكى رېتسىپلار كىتاپىدىن)

بۇرۇن ياللۇغىنى ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشنىڭ بىر نەچچە خىل رىتىسىپى

بۇرۇن ياللۇغى قىش پەسلىدە كۆپ كۇرۇلىدىغان كېسەللىك بولۇپ كىشلەرگە ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنى ئەڭ ياخشسى ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالىغاندا بەدەنگە ئەكس تەسىرى بولمايلا قالماستىن يەنە ئۈنۈملۇك داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 1. ماگنولىيە گۈلىدە پشۇرۇلغان تۇخۇم . ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى،بۇرۇندىن ماڭقا ئېقىشنى داۋالاشتا ماگنولىيە گۈلىدىن 15 گرامنى قۇم قازانغا سېلىپ ، ئىككى چېنە پاكىز سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن ،پىشۇرۇلغان تۇخۇمىنىڭ پوستىنى ئايرىۋېتىپ ئۇششاق تۇشۇك تېشىپ قۇم قازانغا قايتىدىن ئۆت يېقىپ ، تۇخۇمنى يالپاقداپ قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچىلىدۇ 2.جۇخارگۈل –بېلىق شۆرپىسى يىگىلەپ قالغان ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ، كۆپ قوزغىلىدىغان زۇكامنى داۋالاشتا : بېلىقنىڭ بېشىدىن 100 گرامنى پاكىز يۇيۇپ قىزىتىلغان مايدا ئىكى تەرىپىنى بوش پىشۇرۇپ ،15 گرام ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن چىلاننى پاكىز يۇيۇپ ، جۇخارگۈلدىن 30 گرام ، بايناق 15 گرام، بۇدۇشقاق ئۇرۇقى 10 گرام، زەنجىۋىل 3 پارچىنى قۇم قازانغا سېلىپ بېلىق بېشى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسى ئىچىلىدۇ. . كەتىرا ئۇمىچى زىيادە سەزگۈر خاراكتىردىكى بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا كەتىرا 400 گرام، بايناق 230 گرام، كەۋرەك 240 گرام، چۈچۈكبۇيا 60 گرام گۈرۈچ 20 گرام (ھەر كۈنى ) گۈرۈچتىن باشقىلىرىنى ئۇششاق ئېزىپ ئارلاشتۇرۇپ قۇرۇتۇلغان ئىدىشقا سېلىپ ساقلىنىدۇ. 400 گرام سۇ بىلەن گۈرۈچنى قازاندا كۇچلۇك ئوتتا قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئاجىز ئوتتا يەنە 20 مىنۇت قاينىتىپ 10 گرام ئېزىلگەن ئارلاشمىنى قازانغا سېلىپ ئاجىز ئوتتا 5 مىنۇت قاينىتىلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 4. جۈخار ئۇمىچى پاكىز ئېرىقدالغان جۈخار گۈلى ۋە ئۈجمە يۇپۇرمىقىدىن 15 گرام ، يۇمىلاق شال گۈرۈچى 60 گرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنسا ئاستا خاراكترلىك بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. . ماگنولىيە گۈلى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شورپىسى ماگنولىيە گۈلىدىن 15 گرام، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىن 250 گرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بۇرۇن توسۇلۇپ قىلىش ، ماڭقا ئېقىش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.